ئۇيغۇر پۇتبول چولپىنى ئىرفان ھېزىمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2018‏-يىلى ئەتىيازدا تۇتقۇن قىلىنىپ دۆربىلجىندىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغان ئاتاقلىق پۇتبول چولپىنى ئىرفان ھېزىمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە پۇتبول كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 22‏-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئىرفان ھېزىم ئۆتكەن ئايدا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئىرفان ھېزىمنىڭ ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامىلىشى خەلقئارادا خېلى زور غۇلغۇلا قوزغىغان. «خەلقئارا كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان.

باياناتتا، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ۋە كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يول قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ ئىسپانىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە چىققانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چەتئەللىك يازغۇچى ۋە پائالىيەتچى گېنې بۇنىن «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گزېتىگە قىلغان سۆزىدە، «ئىرفان ھېزىمنىڭ نامدار شەخسلەر ئىچىدە ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان تۇنجى كىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

ئىرفان ھېزىم 2018‏-يىلى 2‏-ئايدا غايىب بولغاندىن كېيىن ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆتكەن ئايدا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا پەيدا بولغان. ئەمما ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى دەلىللەنمىگەن ئىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 18‏-فېۋرال كۈنى ئىرفان ھېزىم توپ ئوينايدىغان جياڭسۇ سۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبى خىتاي مىكرو بلوگىدا مەزكۇر كۇلۇب پۇتبولچىلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭدا مەشىق قىلىۋاتقان رەسىمىنى ئېلان قىلغان. رەسىملەرنىڭ ئىككىسىدە ئىرفاننىڭ سۈرىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئىرفان ھېزىمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغايدىكەن.