شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلار پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ يۇرتىغا قايتتى

يېقىندا فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پۇتبولچىنىڭ پويىزنىڭ ۋاگون ئارىلىقلىرىدىكى بوشلۇقتا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان سۈرىتى تارقالدى.

سۈرەت ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشتە، ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ چاغان ھارپىسىدا گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە پويىز بىلەن كېتىۋاتقانلىقى، پويىزدىمۇ ئورۇن تەگمەي، 55 سائەت ئۆرە تۇرۇپ ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قايتقانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ ئەھۋال ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر تور ئەزالىرى، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ۋەقەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ نەزىرىدىكى قەدىر-قىممىتى ۋە خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئورنىنىڭ ئەكس ئېتىشى دەپ تەسىرات بايان قىلغان. ئىنكاسلاردا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانچە تالانت ئىگىسى بولسىمۇ، تالانتى دۆلەتكە ھېچقانداق زىيان ئېلىپ كەلمىسىمۇ، يەنىلا خارلىنىش ۋە چەتكە قېقىلىشقا مۇپتىلا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقان.

ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ پويىزدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىش ۋەقەسى، خىتاينىڭ ۋۇخەن سەھەر گېزىتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. گېزىت بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ ئەنگلىيىلىك پۇتبولچى بەكھامغا 5 يىلدا 50 مىليون ياۋرو ۋاكالەتچىلىك ھەققى تۆلىگەنلىكىنى مىسالغا ئېلىپ، ۋەقەنىڭ يالغۇز ئىقتىسادى قىيىنچىلىق مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.