2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئېڭىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ھەرقايسى جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2016-يىللىق چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى 31-ماي كۈنى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان 6 كوماندا ئىچىدىن تاللانغان «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى بىلەن «بوستون‏-نيۇيورك» بىرلەشمە كوماندىسى جىددىي ئېلىشىش ئارقىلىق ئاخىرىدا «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى 4:0 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە ۋە مارىلاند شىتاتلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقە ئۈچۈن ئايلارچە جاپالىق مەشىق قىلغان. مەزكۇر كوماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىنى پېشقەدەم پۇتبولچى جۈرئەت زاھىر ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئادا دىلشات كوماندا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

مۇسابىقىنى يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە باشقا قىزىققۇچى كىشىلەردىن نۇرغۇن تاماشىبىنلار كۆرگەن ۋە توپچىلارغا قىزغىن مەدەت بەرگەن.