ساھىبخانا كوماندا ئۈرۈمچىدە خەلقئارا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىپلا 2 كوماندىنى ئۇتۇۋالدى

2016-يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسى» 26-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلانغان. خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، «شىنجاڭ ياشلار كوماندىسى» 26-ۋە 27-ئىيۇل كۈنى ئوينىغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇۋالغان.

تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە «شىنجاڭ ياشلار كوماندىسى» ئىسپانىيە «ئىسپانىيىكلەر» پوتبۇل كۇلۇبى ياشلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە ياشلار كوماندىسىنى ئۇتۇۋالغان. 27-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە «شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى» كوماندىدىكى غۇلام ئېلىنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى نەتىجىسىدە جۇڭگو دۆلەتلىك 17 ياشلىقلار كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىنىڭ بۇ غەلىبىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ھاياجانغا چۆمدۈردى.

ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى پۇتبولغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىش شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر كوماندىلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەتلىك مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى يىللاردىن بۇيان دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئىدى. تېخى يېقىندا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تارقىتىلغان خەۋەرلەردە 5 نەپەر ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ خىتاي دۆلەتلىك 15 ياشلىقلار كوماندىسىغا تاللانغانلىقى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مەشىق قىلىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 25-ئىيۇل تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «13-بەش يىل» لىق پىلان لايىھەسىگە ئاساسەن، 2020-يىلىغىچە پۇتبول ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەكتەپتىن 900 نى قۇرىدىكەن ۋە دۆلەت مەبلىغى بىلەن مەكتەپلەردە 200 دىن ئوشۇق ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى ياسىتىدىكەن.