«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جېجياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي دۆلەتلىك پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە «شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى» ئىككىنچى بولغان. بۇ خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان 62 يىلدىن بۇيان، مەزكۇر كوماندا ئېرىشكەن تارىخىي نەتىجە ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەنبە كۈنى (18-سىنتەبىر) ئاخشىمى جېجياڭنىڭ شيەنياڭ ئولىمپېك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىدە «شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسى» نىڭ توپ مەيدانىدىكى ماھارىتى خىتاي توپ مەستانىلىرىنىلا، خىتاينىڭ داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىمۇ قايىل قىلغان. ئەنگىلىيە مانچېستېر كۇلۇبىدا توپ تەپكەن خىتاي پۇتبولچى سۈن جىخەي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا «شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسى» نىڭ ئىككىنچى بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە بۇ كوماندىدىكى پۇتبولچىلارنى تەربىيەلەپ، خەلقئارا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ «ھەممە ئىش ئەمدى باشلاندى» دېگەن سۆزنى قىلغان ۋە مەزكۇر كوماندىنىڭ تېرنېرى پەرھات ئەزىمەتنى ماختىغان.