خىتايدىكى پۇتبولچىلىق ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگانلاردىن بولغان خىتاي پۇتبول ئىنستىتۇتى 25-دېكابىر كۈنى «شىنجاڭ شۆبە ئىنستىتۇتى» قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە «ش ئۇ ئا ر تەنتەربىيە ئىدارىسى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى قاتناشقان. مۇراسىمدا بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ساۋ ۋېيدوڭ سۆز قىلىپ «دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭدىن تالانت ئىگىلىرىنى بايقاپ ۋە تەربىيىلەپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئېگە پۇتبول تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىشقا تىرىشىمىز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېڭى مەكتەپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكوم مەكتىپى» دە تەسىس قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىم مەخسۇس گېرمانىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر توپچىلارنى بىرمۇ-بىر تاللىغاندىن كېيىن بېيجىڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ توپچىلارنى مەشقلەندۈرىدىكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم تارقىتىپ بېرىدىكەن.
خىتاي دۆلىتى ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە شەرەپ قازىنىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغىچە كۆزگە چېلىققۇدەك بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى ئۇيغۇرلار دىيارىدا. ئەمما خىتايدىكى چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەرگە چىقىپ توپ تېپىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە» دەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.