ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى ئىككى يىلدا 230 مىڭ ئادەم قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2017 ۋە 2018‏-يىللىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى «31‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ 2017 ۋە 2018‏-يىللىرىدا 230 مىڭ ئادەمگە قاماق جازاسى ۋە باشقا جازالارنى بېرىپ، خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىغان رەسمىي ئەدلىيە سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا قولغا ئېلىش، سوتلاش ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ شىددەتلىك ئارتقانلىقىنى بايقىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلىقى، يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2017‏-يىلىنىڭ ئۆزىدە 87 مىڭ كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، 5 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئالدىنقى يىلقىدىن 10 ھەسسە ئارتقان. شۇ يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش «قا مۇناسىۋەتلىك دېلولار 60 مىڭ 510 كە، «ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش» قا مۇناسىۋەتلىك دېلولار50 مىڭغا يەتكەن.

ھالبۇكى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، رايوندا 2007‏-يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە ئالاقىدار دېلولار 1710، «ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش» قا ئالاقىدار دېلولار 1764 ئىكەن.

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دونالد كلارك «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە سوتچىلارنىڭ بۇنچىلىك كۆپ دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «ئەگەر ئۇلار كوللېكتىپ سوت ئاچمىغان بولسا، سوتچىلار ئاق قەغەزنى ساقچى ۋە تەپتىشلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ھۆكۈمنامىنى ئۆزلىرىنىڭ توشقۇزىۋېلىشىغا تاپشۇرغان بولىدۇ،» دېگەن.