ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتون ئاۋام پالاتاسىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگېكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى تېزراق ماقۇللاپ، پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇشقا چاقىرغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خورلىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا قارىتا 15-ئىيۇل «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگېكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغان ئىدى. قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى بىردەك چەكلەنگەن.
تام كاتون تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، «ئاۋام پالاتاسى بۇ قانۇننى دەرھال ماقۇللىشى ۋە پرېزىدېنتنىڭ ئمزالىشىغا يوللىشى كېرەك. ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ۋە دىنىي زىيانكەشلىكنى قوللىمايدۇ،» دېگەن.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قارارى كۆزەتكىچىلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جازالاش يولىدىكى ئەڭ يېڭى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالغان.
ئامېرىكادىكى «بايلىق» ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇن ئامېرىكا كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى خىتايدا ئىشلەپچىرىلغان پاختىنى ئىشلىتىشنى توختاتقان. خىتاي دۇنيا پاختا تەمىناتنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 85 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. «بايلىق» ژورنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ پاتاگونىيە، ل. ل. بېن، ۋىكتورىيە سېكرېتنىڭ ئىگىسى بولغان ل. براندىس، ئاياللار كىيىمى شىركىتى-رېفورمەيشىن قاتارلىقتلار خىتاي پاختىسى ئىشلىتىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.