ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاۋام پالاتاسىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارغا تىزدىن بېلەت تاشلاشقا چاقىردى

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 29-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 28-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان ئەزالار ئاۋغۇستتا دۆلەت مەجلىسى دەم ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەش قارارىغا بېلەت تاشلاشقا چاقىردى.

بۇ قارارنى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى گرېگورىي ۋ. مېكس ۋە كومىتېتنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى مايكول ماككول بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىمنى ئاۋام پالاتاسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش قارارىنى قوللىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى بۇ قارار 21-ئاپرېل ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا سۇنۇلغانىدى.

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ماككال باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تارىخى خاتالىق ۋە ئىنسانلىققا يات. مەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىمنىڭ ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى ئىككىلا پارتىيە قوللىغان بۇ قارارغا قوشۇلۇشىنى ۋە ئاۋغۇستتا دۆلەت مەجلىسى دەم ئېلىشتىن بۇرۇن بۇ قارارنى دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇشىنى سورايمەن».