ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يەنە بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن گارىي پېتىرس (Gary Peters) ۋە سىنسيا لۇممىس (Cynthia Lummis) بىرلىكتە تونۇشتۇرغان «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرەش قانۇن لايىھەسى» 20-دېكابىر كۈنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

ئۇلارنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسى نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكا سودا ساھەسىنى نىشان قىلغان ھالدا تۈزۈلگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەرگە كۆرسەتمىلىك ھالدا سودا ئوبيېكتلىرىنى تاللاپ بېرىشىدە مەنبە بولۇش رولىنى ئوينايدىكەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ساھەسى ئېكسپورت قىلىۋاتقان توۋارلارنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا بىۋاسىتە خىزمەت قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر قىسمى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي ھالدا قانۇنغا ئايلانسا، سودا ساھەسدىكىلەرنىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ خىلدىكى ئېكسپورتىنى قانۇن نۇقتىسىدىن چەكلەش ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

گارىي پېتىرس ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغانلىقىدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا زۇلۇملىرىغا شېرىك بولۇۋاتقان شىركەتلەر بىلەن بولىدىغان سودىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەك مۇھىم» دېگەن. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ قانۇن لايىھەسىنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان ساقچى دۆلىتىگە ھەمدەم بولۇپ كەلگەن. ئەمدى ئاخىرلاشتۇرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇم ۋە جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇشقا ئەمدى ئورۇن يوق» دېگەن.