ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستان سودا ھەجمىنى ھازىرقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيتىشنى قارار قىلغان

قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئىككى تەرەپنىڭ يىللىق سودا ھەجمىنى ھازىرقىدىن يەنە ئىككى ھەسسە كۆپەيتىشنى قارار قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يىللىق سودا ھەجمى يېقىندىن بىرقانچە يىلدىن بېرى تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن.

«ئاستانا ۋاقتى» (The Astana Times) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېرىك جۇمانگارىن ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي-قازاقىستان يىللىق سودا ھەجمىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدا ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان سودىسىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىشنى قارار قىلغان.

ئىككى تەرەپنىڭ سودا ھەجمىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىش قارارى خىتاينىڭ رۇسىيە ئۇرۇش سانائىتىنى ھەربىي لاۋازىماتلار بىلەن تەمىنلەشتە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى، شۇڭا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سودىسى شىددەتلىك ئارتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

يېقىندا «رويتېرس ئاگېنتلىقى» خىتاينىڭ شېنجېندىكى بىر ئادەمسىز ئۇچقۇ شىركىتىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە چېتىشلىق بىر شىركەت بىلەن «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. ھالبۇكى، قازاقىستان-خىتاي يىللىق سودىسىدا خىتاي مۇتلەق ئاكتىپ بالانىسنى ئىگىلىمەكتە. «ئاستانا ۋاقتى» نىڭ خەۋىرىدە، سېرىك جۇمانگارىن قازاقىستان-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، قازاقىستاننىڭ خىتايغا قوشۇمچە بىر مىليارد 600 مىليون دوللارلىق 180 خىل مال ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«ئاستانا ۋاقتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستان-خىتاي ئارىسىدىكى يىللىق سودا سالمىقىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلى تەشكىل قىلماقتا ئىكەن. ئىككى تەرەپ سودىسى 2023-يىلى 62 پىرسەنت ئارتىپ، 20 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن بېرى نۇرغۇن كارخانىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ چىقىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زور بىر قىسمىنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرغانىدى.