«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-03-09
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىشىدىن باشلانغان زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور تەسىر قوزغىغانىدى. 8-مارت كۈنى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «يېڭى لېنىيە ئىنستىتۇتى» ئاقىللار مەركىزى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك مەخسۇس دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ مۇتلەق مەنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەتراپلىق شەرھىلەپ چىقتى.

دوكلاتتا تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ 1948-يىلىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» دە كۆرسىتىلگەن قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى بەش تۈرلۈك شەرت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىلەن پاجىئەلەر بىلەن پاراللېل ھالدا سېلىشتۇرۇلدى ھەمدە بۇ ھەقتىكى دۇنيا جامائىتىگە مەلۇم بولغان تاغدەك ئىسپاتلار رەت-رېتى بىلەن كۆرسىتىلدى. شۇنىڭدەك مۇشۇ ئاساستا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىشتەك ئاداققى نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى «مەلۇم دىنىي ياكى مىللىي تۈركۈمگە تەۋە ئىنسانلارنى غەرەزلىك ھالدا قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوق قىلىش قىلمىشى قىرغىنچىلىق ھېساپلىنىدۇ» دېگەن ماددىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان ئاپتورلارنىڭ بىرى بولغان دوكتۇر ئەزىم ئىبراھىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ بىر دۇنياۋىي كۈچ بولۇۋاتقان خىتاي دۆلىتى بىر قوللۇق لايىھىلەپ چىققان قىرغىنچىلىق قىلمىشىدۇر» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى بۇ ئەھدىنامىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئىمزا قويغان بولۇپ، سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى «21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت