خىتاي ھۆكۈمىتى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «دەۋر مەيدانى» نى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئىشلەتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.11

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگنېتلىقى نيو-يورك شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات جايلارنىڭ بىرى بولغان «دەۋر مەيدانى» دىكى زور ئېكرانلىق تېلېۋىزور ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

«بۈيۈك ئېرا» تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «دەۋر مەيدانى» دىكى ئېگىزلىكى 20 مېتىر، كەڭلىكى 12 مېتىرلىق زور تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىخەنزە شەھىرى ھەققىدىكى تەشۋىقات ئېلانى قويۇلماقتىكەن. 30 سېكۇنتلۇق بۇ تەشۋىقات فىلىمىدا «شېرىن مېۋىلەر، ئاجايىپ-غارايىپ مەي-شارابلار ۋە بەختىيار كىشىلەر» ئوبرازى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاياتنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان دەرىجىدە شادىمانلىققا تولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئارقىلىق لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان مىليونلارچە ئىنسانلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، جىسمانىي قىيناق ۋە سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدىكى «داغ چۈشكەن ئوبرازى» نى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «دەۋر مەيدانى» دىكى بۇ زور ئېكرانلىق تېلېۋىزورنىڭ ئېلان ھەققى شۇنچە قىممەت بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا ئايىماي پۇل خەجلىشى ئۇلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە نەقەدەر زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائ‍ىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلار دەل مۇشۇ شىخەنزە شەھىرىنى مەركەز قىلغان بىڭتۇەن سىستېمىسىدۇر. مۇشۇنداق بىر ئالدامچىلىق تەشۋىقاتىغا بىز نېمە ئۈچۈن داۋاملىق يول قويىمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.