3-سېنتەبىر كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولىم شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىۋېتسىيە مودا ھەپتىلىكى» كىيىم-كېچەك فېستىۋالىدا مودېل قىزلارنىڭ لىباسلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق پائالىيەت ئەھلىگە جانلىق جانلىق رەۋىشتە كۆرسىتىلدى.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي پائالىيەتچى رافائېل گلۇكسمان (Raphaël Glucksmann) نىڭ فېيسبۇك (يۈز دىدار) تور بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنىدىكى مودا كىيىملەر فېستىۋالىدا خىتاي نەسلىدىن بولغان مودېل ۋە پائالىيەتچى لۇئىسا شىن (Louise Xin) نىڭ يېقىندىن تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە «شىۋېتسىە مودا ھەپتىلىكى» نىڭ ماھىرلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى يېزىقلىق ئۇچۇرنى پائالىيەت ئەھلىگە نامايەن قىلغان. مودېل قىزلارنىڭ كىيىمىگە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توختىسۇن!»، «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە خاتىمە بېرەيلى» دېگەندەك شوئارلار نۆۋەتتىكى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى مەسىلىسىنىڭ كىلىمات مەسىلىسىدىن قېلىشمايدىغان مۇھىم تېمىلار ئىكەنلىكىنى تىۋىشسىز ھالدا جاكارلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، رافائېل ئەپەندى، جەۋھەر ئىلھام ۋە لۇئىسا شىن قاتارلىقلار بۇ مەسىلىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرگەن ھەمدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى شوئارلارنى نامايەن قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق دۇنيا كىيىم-كېچەك بازىرىنى قاپلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنى شىۋېتسىيەدىن باشلاپ تاكى ياۋروپا پارلامېنتىغا قەدەر كېڭەيتىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. رافائېل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ: «سىتوكھولىمدىكى پائالىيەت پەقەت كىچىككىنە بىر باشلىنىش. بىز مودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىنسانىي ھەركىتىدىن ئۈمىدنىڭ شولىسىنى كۆرگەندەك بولدۇق» دەپ يازغان.