ۋاندېربىلت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.02.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئەڭ داڭلىق خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان ۋاندېربىلت (Vanderbilt) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، جۈملىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

28-فېۋرال كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۈندىلىك گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل تەكلىپكە بىنائەن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھەققىدە بىر مەيدان لېكسىيە بەرگەن.

نۇرى تۈركەل لېكسىيەدە ئۆزى بوۋاقلىق دەۋرىدە باشتىن كەچۈرگەن لاگېر سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى-ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ساندا ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ: «لاگېرغا كىرىپ كەتكەنلەر غايىپ بولۇۋاتىدۇ، چىقالىغانلار پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئىنسانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ يەھۇدى زور قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مەيدان زور قىرغىنچىلىق. ئۇيغۇر جەمئىيىتى تۆلىگەن بەدەل ھەمدە ئۇلار دۇچ كەلگەن زىيان-زەخمەتنى مەڭگۈلۈككە تولدۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن.

نۇرى تۈركەل لېكسىيەدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلىنىۋاتقان غايەت زور مەھسۇلاتلارنىڭ غەرب دۇنياسىغا ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم غەرب شىركەتلىرىنىڭ بۇ ھالنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ: «قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەش قىيىن كەلسە، ھېچ بولمىغاندا بۇنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە بۇ ھەقتىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدا ئىشلەنگەن توۋارلارنى سېتىۋېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاندېربىلت ئۇنىۋېرسىتېتى تېننەسى شىتاتىنىڭ نەشۋىل (Nashville) شەھرىدە بولۇپ، كۆپلىگەن مەشھۇر سىياسىيونلار، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرى ۋە كاتتا زەردارلارنى تەربىيەلەپ چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.