ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى ماقالىلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى «دەريا بويى يەھۇدىيلار مەھەللىسى» ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر يىلقى «يەھۇدىلار زور قىرغىنچىلىقى» خاتىرە كۈنىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قىرغىنچىلىق تېمىسىدا ماقالە يېزىشقا تەشكىللەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2023-يىللىق مۇسابىقىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 11 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىسى يېزىپ چىققان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى ئۈچ پارچە ماقالە بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

«دەريا بويى ئاۋازى» تورىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلقى يېزىقچىلىق مۇسابىقىسى «يەھۇدى زور قىرغىنچىلىقى يەنە يۈز بېرەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىشى مۇمكىن؟» دېگەن تېمىغا مەركەزلەشكەن. «يەھۇدى زور قىرغىنچىلىق» دىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ساردې خوۋېل (Sarde Howell) يېزىپ چىققان ماقالىدا «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دەپ ۋەدە بېرىلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار قىرغىنچىلىقلار قاتارىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك تاشقىي دۇنيانىڭ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشى قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا-قايتا يۈز بېرىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەپ قاتارىدا شەرھىلەنگەن.

دېنى كۇنز (Deanie Kunz) ۋە ئېمىلىي بېنتون (Emily Benton) ئىسىملىك ئىككى قىز ئوقۇغۇچى يېزىپ چىققان ماقالىلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشتا قوللانغان بىر قىسىم ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقى، يەھۇدىيلار ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپلىگەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.