خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چۇڭچىڭ شەھىرىگە جايلاشقان غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» تېمىسىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا تورى ۋە خەلق تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاقلاش بولغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە «خىتاي، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كەڭ ئېتىراپ قىلىندى» دېيىلگەن.
شىنخۇا تورى خەۋىرىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى بولغان ئەركىن سامساقنىڭ «2012-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ھەر مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلدى» دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن. شۇنىڭدەك ياپونىيە يوكوخاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى مۇراتا تادايوشىنىڭ «غەرب دۇنياسى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ‹خىتاي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قىلدى› دېگەن سۆزلەر پۈتۈنلەي يالغان» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 2000-يىلدىن 2020-يىلغىچە سەككىز مىليوندىن 11 مىليونغا كۆپەيگەنلىكىنى، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنىڭ % 1. 67 بولغانلىقىنى قەيت قىلىپ، «بۇ غەرب دۇنياسىنىڭ پاكىتقا ھۆرمەت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى ئاقلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى مىسلىسىز كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەش، نامەلۇم تور چولپانلىرىنى ئىشقا سېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشقا سالماقتا. ھالبۇكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىگە بىنائەن ئۆزلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېقىنقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى.