9-دېكابىر دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» خاتىرىلىنىدىكەن
2022.12.08
9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 8-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات كۇلۇبىدا، 9-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن؛ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ۋاشنگتوندا 8-، 9-دېكابىر كۈنلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ كۈنى يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىدىكەن ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردە نامايىش ئۆتكۈزىدىكەن.
بۇ يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، 9-دېكابىر كۈنىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ۋە بۇنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈش قارارى ئالغانىدى.
2021-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈمنىڭ تارىخىي بىر قارار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تارىخىي پاجىئەنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سوتنىڭ ھۆكمى چىققان بۇ كۈننى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» دەپ بېكىتكەنلىكىنى، سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەن 100 كىشىنىڭ گۇۋاھلىقىنى تاللاپ كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئېيتقانىدى.