ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارى لى پېڭشىن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان

2023-يىلى 12-ئايدا «پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىننىڭ «پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى» ئېلان قىلىنغان.

خىتاينىڭ خەلق تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 17-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋەرلىرىدە «63 ياشلىق لى پىڭشىننىڭ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە ئىشەنچىنى يوقاتقان، سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان، پۇل ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى قوبۇل قىلغان، ئىلگىرىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پايدا ئىزدەپ، پارا ئالغان» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي ئەمەلدارى لى پېڭشىن خىتاينىڭ 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى باستۇرۇشقا مەسئۇل بولغانىدى. ئىلگىرى چىڭخەيدە ۋەزىپە ئۆتىگەن لى پېڭشىن، 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان.

ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلىدە ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇپ كېلىنگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىكى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «پانتۈركىزم» نى تەرغىب قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇ دەرسلىكنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى بىردەك تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەزكۇر دەرسلىكلەرنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەش گۇرۇپپىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە بەش نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

لى پىڭشىن يەنە، 2017-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «كادىرلار يىغىنى» غا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ش ئۇ ئا ر پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش قارارى» نى جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.