ئامېرىكالىق بىر ئائىلە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئ‍ۈچۈن 780 كىلومېتىرلىق «تىنچ نارازىلىق سەپىرى» باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.07.16

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشىغان ئامېرىكالىق بىر ئائىلە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن 780 كىلومېتىرلىق «تىنچ نارازىلىق دالا سەپىرى» باشلىغان. «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «يىپەك يولى تىنچلىق تەشەببۇسى» ناملىق قۇرۇلۇشنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان كارول ۋە ناتان دۇدىلېس ئائىلىسى كولورادو شتاتىدىكى ئېدىرلىقلارنى پىيادە ئايلىنىپ، دالا ساياھەتچىلىرىگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى تونۇشتۇرىدىكەن.

خەۋەردە، دۇدىلېس ئائىلىسىنىڭ 780 كىلومېتىرلىق «تىنچ نارازىلىق سەپىرى» نى پىيادە بېسىپ، يول بويى دالا ساياھەتچىلىرىگە «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرىدىغانلىقى ۋە بۇ ئىشقا ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ناتان دۇدىلېس «ئەركىنلىك سەپىرى» دەپ ئاتىغان بۇ ھەرىكىتىنى ئايالى، ئوغلى ۋە بىر دوستى بىلەن ئويلاپ تاپقان. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ئىسپانىيەدىكى «كامىنو دې سانتىياگو» دەپ ئاتالغان دىنىي تاۋاپ يولىدىن ئىلھام ئالغانلىقى، پۈتكۈل ياز جەريانىدا كولورادو ئېدىرلىقلىرىدىكى يۈزلىگەن دالا ساياھەتچىلىرىگە ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ خەۋىرىنى تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇدىلېس يەنە لاگېر، دېگەن سۆزنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن دالا كاۋىپى، تاۋۇز ۋە نۇرغۇن قىزىقارلىق نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، لېكىن بۇ سۆزنىڭ «بۈگۈنكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئەكسىچە مەنىگە ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، دۇدىلېس ئائىلىسى ‍ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە قازاقىستاندا 9 يىل ياشىغان ھەم خىزمەت قىلغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.