ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە بۇ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرگە ياردەم بېرىشنى نىشان قىلغان ئېلى ۋەيسەل فوندى كېلەر يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا 250 مىڭ دوللاردىن 500 مىڭ دوللارغىچە ياردەم بېرىشنى پىلانلىغان.
«يەھۇدىي ساخاۋەت تورى» نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان يازغۇچى ئېلىي ۋەيسەل (Elie Wiesel) نىڭ نامىدا قۇرۇلغان بۇ ساخاۋەت فوندى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىدىكى مەبلەغنىڭ بىر قىسمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا بېغىشلايدىكەن. ئېلى ۋەيسەلنىڭ ئوغلى ئېلىشا ۋەيسەل (Elisha Wiesel) بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى ۋە پەرزەنتلىك بولۇشتىن مەھرۇم قىلدى» دېگەن، ھەمدە دادىسىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ جايدىكى زۇلۇمغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىشا ۋەيسەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىدا يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. نۆۋەتتە ئېلى ۋەيسەل فوندى ئۆزىنىڭ ئېنىق خام چوتىنى تېخى بېكىتمىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇكاپات فوندىنى 250 مىڭ دوللاردىن 500 مىڭ دوللارغىچە بولىدۇ دەپ بەلگىلەپ قويغان. كېلەر يىلنىڭ بېشىدا بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىدىغان مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلار ئورگىنىنىڭ رەئىسى ناتان شارانىسكى (Natan Sharansky)، گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ قىزى گۇلخۇمار خاتىۋاجى قاتارلىقلار بار ئىكەن.