2023-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ھىندىستاننىڭ ۋىيان مەتبۇئاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلار «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان 50 مىڭدىن كۆپ ھۆججەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان ئاھالىلىرىنىڭ سوراققا تارتىلىشىغا سەۋەب بولغان. 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان توققۇز ئاي ئىچىدە، ساقچىلار ئۈرۈمچىدە جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ تېلېفوننى 11 مىليون قېتىم ئاختۇرغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتوماتىك ئاممىۋى كۆزىتىش سىستېمىسى بۇ تېلېفوننى ئىزدەشكە شارائىت ھازىرلىغانىكەن.
بۇ ھەقتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ ئۆز قارىشىنى ۋىيان تورىغا تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويغان: بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلار قۇرئانغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاشقۇن ھېسابلىنىپ، ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا سەۋەب بولىدىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، «تېررورلۇق» ۋە «ئاشقۇنلۇق» قا ھەددىدىن زىيادە كەڭ ۋە مۈجمەل شەكىلدە ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق، سىياسىي، دىنىي ۋە مەلۇم ئىدىيەسى بولغان گۇناھسىز كىشىلەرنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇلارغا باشقا چەكلىمىلەرنى قۇيۇشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە باستۇرۇشى مەسىلىسىدە تېزدىن مۇستەقىل ۋە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.