پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رامىزان چەكلىمىسىگە سۈكۈت قىلىشى كىشىلەرنى غەزەپلەندۈرمەكتە

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزانلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە رامىزان روزىسىغا ئائىت پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولالماسلىقى، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارغا رامىزاننىڭ مەنئى قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بۇنىڭغا قارىتا غەزەپ چۇقانلىرى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا.

«ئاسىياغا نەزەر» گېزىتىنىڭ 20-ماي سانىغا بېسىلغان مۇشۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى ئىمران خان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رامىزان چەكلىمىلىرى ھەققىدە زۇۋان سۈرمەي كېلىۋاتقانلىقىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىمەكتىكەن. پاكىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئىسلام دۇنياسىدىكى ناھەقچىلىكلەر ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتە پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئاھالىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدە دادىل بولالماي قالغانلىقىنى تەنقىدلەش مەزمۇنىدىكى يازمىلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان.

ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رامىزان چەكلىمىسى كەشمىر ياكى پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىسىچىلىك ئومۇمى غەزەپكە ئايلىنالمىغان. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب پاكىستاندىكى ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىغان. يەنە كېلىپ پاكىستان ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا ئىسلام كېڭىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزان چەكلىمىسىنى مەنئى قىلىشىنى تەنقىدلەش مەزمۇنىدا قارار ئالماسلىققا كۆندۈرگەن. ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق پاكىستانغا سالغان 62 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغى بولسا بۇنىڭدىكى يادرولۇق ئامىل بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.