خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ۋە مۇھىم قېزىلما بايلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا جايلاشقان مەركەز كارخانىلىرىدىن خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى ۋە خىتاي دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتىنى زىيارەت قىلغان، ما شىڭرۈي ئۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ۋە مۇھىم قېزىلما بايلىقلار بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تاپشۇرغان ‹بەش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن› نى مەھكەم باغلاپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە مۇھىم قېزىلما بايلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىدۇ. شىنجاڭ، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى ۋە دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆمۈر توشۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشى ۋە ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. »
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «8 چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نى يولغا قويغان ئىدى. ئۇ، نېفىت تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پاختا توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئاشلىق، مېۋە-چىۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ساھەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى چەت ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن.
ھالبۇكى، ما شىڭرۈي خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يەتكۈزۈش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭدىكى كۆمۈر بايلىقىنى نەق مەيداندا ئېلېكتىر ۋە گازغا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىمىز، شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز» دېگەن.