ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 2-ئومۇمىي يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ تىزىملىكى دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 29-يانۋار يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 30-يانۋار ئۈرۈمچىدە باشلىنىدىغان 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنى تەيىنلىگەن. نۆۋەتتە يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپلار تىزىملىكىنىڭ تەركىبى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. مەزكۇر تىزىملىك خىتاينىڭ بۇرۇنقى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» گە ئۆزگەرتىش بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 29-يانۋار كۈنى تەيىنلىگەن 2-ئومۇمى يىغىننىڭ 14 كىشىلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ پەقەت 4 نەپىرى ئۇيغۇرلاردىن، 8 نەپىرى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىنىڭ ئىككى نەپىرىنى قازاق ۋە قىرغىز ھەيئىتى ئىگىلىگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 23-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت، جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابىدا ئېچىلغان خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىسىنىڭ رايون نوپۇسىنىڭ 65 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ب د ت دىكى يىغىندا ئامېرىكا ۋەكىلى، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرۈش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 29-يانۋار كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-ئومۇمى يىغىنىنىڭ 9 كىشىلىك مۇئاۋىن باش كاتىپلار تىزىملىكىنى ماقۇللىغان. لېكىن توققۇز كىشىلىك مۇئاۋىن باش كاتىپلار تىزىملىكىدە مۇتەللىپ روزىدىن باشقا بارلىق كىشىلەر خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان. خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنلىرىدا شەكىل جەھەتتىن بولسىمۇ، رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتىگە مەلۇم دەرىجىدە دىققەت قىلىناتتى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ چوڭ تۇتقۇن باشلانغان 2017-يىلدىن بۇيانقى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ناملىرىدىكى ئاسسىمىلياتسىيەنى تېزلىتىشكە قارىتىلغانلىقى مەلۇم.