خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يەن 8-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا تارقىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۈي يەن مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە رايونىمىزدىكى بۇ يۇقۇم كۆپ جايلارغا تارقىلىش، مەلۇم جايغا مەركەزلىشىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئىشى مۇرەككەپ، يەنە كېلىپ يېقىندىن بۇيان رايونىمىزغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ قالدى. توپلىشىپ پائالىيەت قىلىش ۋە رايون ئاتلاپ ساياھەت قىلىشلار يۇقۇمنىڭ شىنجاڭغا كىرىش ۋە تېز سۈرئەتتە تارقىلىش خەتىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ».
ئىنگىلىزچە خەۋەر تارقىتىدىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ سۈي يەننىڭ بۇ گەپلىرى كەڭ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت رايونى ئىكەنلىكى، 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە 8 مىليون 820 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلەرنى يۇقۇمدىن قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىلى ئوبلاستىدا تۇنجى يۇقۇمدار بايقالغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىلى ئوبلاستى، چۆچەك، قەشقەر، بورتالا، ئاقسۇ، قومۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق 7 ۋىلايەت-ئوبلاست ۋە شەھەرلەردە، 12 ناھىيە، بازار ۋە مەھەللىلەردە 274 يۇقۇمدار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىقى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 122 يۇقۇمدار كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدىن 72، غۇلجا ناھىيەسىدىن 6، قومۇل شەھىرىدىن 2، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدىن 9، تۇرپان شەھىرىدىن 3، كۇچا شەھىرىدىن 2، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىن 7، سايباغ رايونىدىن 12 ئادەم يۇقۇملانغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ۋىرۇسنى چەت ئەلدىن كىرگەن دەپ پۈتۈن ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى چەت ئەلگە ئارتىشقا ئورۇنسا، بىر ياقتىن ساياھەتچىلىكنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ھېچقانداق ئايرودروم يۇقۇم سەۋەبىدىن تاقالمىغان، ساياھەتچىلەر مېھمانخانىلاردا بېقىلغان، ياتاق باھاسى چۈشۈرۈلگەن. پەقەت يۇقۇم ئېغىر جايلاردا، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدە پويىزنىڭ قېتىم سانى ئازلىتىلغان.