يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە شتاتى ۋە پايتەخت ۋاشىنگتوندا «ئاماننىساخان» «دولان» ۋە «كروران» قاتارلىق ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىنى ئامېرىكىغا تونۇتۇشتا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان ئىدى.
يېقىندا ۋىرجىنىيە شتاتىدا يەنە ئىككى ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلىپ، بۇ سەپكە قوشۇلدى. بۇ ئىككى رېستوران ۋىرجىنىيەدىكى فەيرفەكس رايونىدا ئېچىلغان «ئەركىن رېستورانى» بىلەن ئالېكساندېرىيە رايونىدا ئېچىلغان «روزى رېستورانى» بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ لەززەتلىك تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي پۇرىقى كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بېزىلىشى بىلەن خېرىدارلارنى جەلپ قىلماقتا.
بۇندىن سىرت يەنە، تېكساس شتاتىنىڭ خيۇستۇن شەھىرىدىمۇ «تارىم ئۇيغۇر رېستورانى» ئېچىلغان بولۇپ، بۇ رېستوران شەھەرنىڭ يەرلىك گېزىتى «خيۇستونىيە» دا تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر تائاملىرى ئۆزگىچىلىكى ۋە يېڭىلىقى بىلەن كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكالىقلارنىڭ تونۇشى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى «دولان» ۋە «ئاماننىساخان» رېستورانلىرىنى كۆپ قېتىم تونۇشتۇرغان ئىدى. «ئاماننىساخان» رېستورانى مەزكۇر گېزىت تەسىس قىلغان «2017-يىللىق ئامېرىكا پايتەختى ئەتراپىدىكى ئەڭ مۇھىم 40 رېستوران تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن. بۇ تىزىملىك مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇشتەرىلىرى، سودا ساھەسىدىكى خادىملار ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى خادىملىرى ئارا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا ئاساسەن بەلگىلەپ چىقىلغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر مىللەتنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ شۇ مىللەتنى تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.