خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ساياھىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردازلىماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ يەنە بىر ياقتىن دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت پائالىيىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىشى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

Axios تورىنىڭ مۇخبىرى بېتانى ئىبراھىمياننىڭ 29-نويابىردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا خىتاي تەۋەسىدىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئۇيغۇر دىيارىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن قارىماققا كۈنىگە مىڭلىغان خىتاي ساياھەتچىلەر جاي-جايلاردىن ئۇچۇپ كېلىپ «ئاجايىپ-غارايىپ غەربىي يۇرت مەنزىرىلىرى» نى تاماشا قىلغان. ھالبۇكى پۈتۈنلەي خىتايلار كونتروللۇقىدىكى بۇ خىل ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلچىلىكمۇ ئىقتىسادىي پايدىسى تەگمەيدىغان بولۇپ، ئاپتور بۇ ھالنى «مۇشۇنداق ساختا مەنزىرە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى پەردازلاش» دەيدۇ.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرى تۈپەيلىدىن مەزكۇر رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە زىيان تارتقان. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلار يەنە مۇشۇ خىلدىكى دۆلەت ئىچى ساياھىتى ئارقىلىق بۇ زىياننىڭ ئورنىنى قىسمەن بولسىمۇ تولدۇرماقچى بولغان. چۈنكى رايونلۇق ھۆكۈمەت نۆۋەتتىكى يىلىغا 158 مىليون ساياھەتچى كېلىدىغان ۋەزىيەتنى 2025-يىلىغا بارغاندا 400 مىليون ساياھەتچىگە يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. يەنە كېلىپ بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلار بولۇپ، ئازغىنە ساندا چەتئەللىكلەرمۇ بار ئىكەن.

ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا «شىنجاڭدىكى ئۆزگىچە مىللىي مەنزىرىلەر» ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە دائىر كۆپلىگەن مەدەنىيەت مىراسلىرى، جۈملىدىن مەسچىتلەر، قەبرىستانلىقلار، مازارلار ۋە تارىخىي ئىزنالار پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغان. بۇ رايونغا تۈركۈم-تۈركۈمدە كېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەر بولسا ئۇيغۇرلاردىن پۈتۈنلەي خالىي قالغان شەھەرلەردە ھېچقانداق چەكلىمىسىز ساياھەتتە بولغان. بەزى ساياھەت نۇقتىلىرى بولسا دەل ئاشۇ مىڭلىغان ئ‍ۇيغۇرلار قامىلىۋاتقان لاگېرلارنىڭ يېنىدا بولۇپ، شەھەر تېشىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساياھەتچىلەرگە يېقىنلىشىشى مەنئى قىلىنغان. ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار بولسا «غەيرىي مەنزىرە كۆرۈنۈشى» ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشقا ياكى رېستوران كۈتكۈچىلىكىگە ياللانغان. ئەمما خىتايلاردىن «غەيرىي» بولغان ئالاھىدىلىككە بارلىق ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادى، ساقال-بۇرۇتى، ھېجاپ ياكى رومالى دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن لاگېرلارغا قامالغان.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي لىباسلارنى كىيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيەتكە يول قويىدىغانلىقىنى پەش قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار ئاشۇ مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ يۇقىرى پەللىسى يارىتىۋاتىدۇ» دەيدۇ.