ئۇيغۇر ئېلىدا زۇلۇم تارىخنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان مەزگىلىدە، ساياھەت كىرىمى رېكورت ياراتقان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ۋە ساياھەت كىرىمى ھەر ئىككىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

مەزكۇر مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، 1-ماي مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلى جەمئىي 8 مىليون 522 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان. ساياھەت كىرىمى 3 مىليارد 135 مىليون يۈەن بولغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىن 538 مىڭ 300 ساياھەتچى قوبۇل قىلىنغان. خەۋەردە، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ياخشى روھىي ھالەتتە كېلىشى ۋە رازىمەنلىك بىلەن قايتىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى پروفېسسورى گىرەگرە فىياردنىڭ « قۇياش، قۇم ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى: خىتاينىڭ ھەربىيلەشتۈرۈلگەن شىنجاڭدىكى ساياھەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىكى تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا ساياھەتچىلىك 2010-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت باستۇرۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئىكەن. ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، سىرلىق مەدەنىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىكنى سىياسەتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە تارىخىي نۇقتىلارنى، مۇزېيلارنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق خىتاي ساياھەتچىلىرىگە « شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس قىسمى»، «خەنزۇلار شىنجاڭدا ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن ياشىغان» دېگەنلەرنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىنلا خىتاي خاندانلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغانلىقلىرىنى سىڭدۈرۈشكە كىرىشكەن.

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رامىزاننىڭ ئالدى-كەينىدىكى ساياھەت ھەققىدە تارقاتقان تەشۋىقات فىلىملىرىدا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قەدىمكى كىيىملىرىنى كىيىپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىگە خىتايچە ئۇسۇل ئويناپ-ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئەكس ئەتكەن.

ساياھەت ھەققىدىكى تەشۋىقات فىلىملىرىدا يەنە، مەسچىت ئىچىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەرمۇ ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى فىلىملار ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس بەلكى خەلقئارا تاراتقۇلاردىمۇ نارازىلىق قوزغىغانىدى.

مەزكۇر ئەھۋاللارغا دىققەت قىلغان ئەنگلىيەلىك ئانتروپولوگ دوكتور دەيۋىد توبىن قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ۋە ئادەتلىرىنى چەكلەپ، روزا تۇتۇش، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشىنى توسۇشى ھەم جازالىشى، ئەكسىچە خىتاينىڭ قەدىمكى كىيىملىرىنى ئۇيغۇرلارغا كىيدۈرۈپ ئۇسۇل ئوينىتىشى، خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ۋە ئادىتىنى ئۇيغۇرلارغا زورلىشى خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىكەن.