ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ جەزبدارلىقى ئامېرىكىدا جەۋلان قىلىندى

تارىم ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى 14‏-ماي ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پرېستون برەدلېي زالىدا ئويۇن قويۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە قەدىمىيلىكىنى نامايان قىلدى. بۇ مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاخىرقى ئويۇنى.

19 كىشىلىك سەنئەت ئۆمىكى يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ 5 شتاتىنى ئايلىنىپ، جەمئىي 35 مەيدان ئويۇن قويغان. بىراق، سەنئەت ئانسامبىلى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە شتاتىغا كەلمىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، سەنئەتچىلەرنى بۇ رايونغا يوللاتمىغان بولۇشى مۇمكىن.

سەنئەت ئانسامبىلى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە تۇڭگان ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئارىيىلەرنى ئورۇنلىغان.

چىكاگو شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى ئۆزىنىڭ تورى بېتىدە سەنئەت كېچىلىكىگە باھا بېرىپ: «كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تىڭشىسىڭىز-مۇزىكا ساداسى سىزنى دورا-دەرمەك بازارلىرىغا، چۆللۈك ۋە ئۈزۈمزارلىقلارغا، بوستانلىق، قۇملۇق، تاغ دەريا ۋە يېشىللىق ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن تۇپراققا، چوڭقۇرلۇق ۋە تارىخقا ئېلىپ بارىدۇ» دەپ تەرىپلىگەن.

«تارىم» ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئامېرىكىدىكى سەنئەت پائالىيىتى«ئامېرىكا ئوتتۇرا غەرب دۇنيا سەنئەت فېستىۋالى» نىڭ تەكلىپى ۋە ياردىمى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.