دائىرىلەر كەلگۈسىدىكى بەش يىل ئىچىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 20 مىڭ ئوقۇغۇچىنى تاللاپ داۋاملىق تەربىيەلەيدىكەن

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2020-يىلىغا قەدەر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 20 مىڭ نەپىرىنى تاللاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيەلەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە تاپشۇرغان.

داۋاملىق تەربىيىلەش پىلانلانغان 20 مىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ 8 مىڭى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر» گە ئەۋەتىلىدىكەن. قالغان 12 مىڭى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە داۋاملىق تەربىيەلىنىدىكەن.

داۋاملىق تەربىيىلەش پىلانلانغان بۇ 20 مىڭ خادىم كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەمۇرىي ئورگانلاردا، يېزا، بازارلىق كەسپىي ئورۇنلاردا، كارخانىلاردا ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 20 مىڭ ئوقۇغۇچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ داۋاملىق تەربىيىلەش پىلانىنىڭ كەينىدە كەلگۈسىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك كادىر يېتىشتۈرۈش ئېھتىياجى يوشۇرۇنغان، دەپ قارىماقتا.