«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن مەمۇرىي ھوقۇق جەھەتتىن تەڭ دەرىجىلىك ئورگان - شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ «پارتىيە تارىخى ئىشخانىسى» خىتاي كومپارتىيە تارىخىنى يېزىش بويىچە خىتايدىكى 10 نۇقتىلىق ئورۇننىڭ بىرى بولۇپ بېكىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىغا 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يىلتىز تارتقان يېرىم ھەربىي خاراكتېردىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.
بىڭتۇەن پارتكومى قارمىقىدىكى «پارتىيە تارىخى ئىشخانىسى» يېقىنقى بىرقانچە يىلدا «ۋاڭ جىن ۋە شىنجاڭ»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىخى»، «دېڭ شياۋپىڭنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۆھپىلىرى»، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەققىدە تارىخىي تەكشۈرۈش ۋە تەپەككۇر» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ھۆكۈمەت كىتابلىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ «پارتىيە تارىخى ئىشخانىسى» نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىنى يېزىشتىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق ئورۇن قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.