نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يوق بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئىستېمالى. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپانلىقلار بۇنىڭدىن ئاز كەم 3000 يىل ئاۋۋال نان يېقىپ يېيىشنى بىلگەن. ئارخېئولوگ يېقىندا تۇرپان ياڭخىدىكى بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقنى قېزىپ، بۇغداي نېنىنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپقان.
ئارخېئولوگ يېمەكلىك قالدۇقىنى ئىنفرا قىزىل نۇردا تەكشۈرۈپ، ناننىڭ سۆك، ئارپا ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ يېقىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدا خېمىرتۇرۇچ ۋە تاياقچە باكتېرىيەسى بارلىقىنى بايقىغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى ياڭ يىمىن، پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەزكۇر ھۆكۈمەت ئاخباراتىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، نان قالدۇقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 2600 يىلدىن 2900 يىل ئاۋۋالقى دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ياياڭ يىمىن يەنە، بۇ قېزىلما بۇغداينىڭ بۇ دەۋردە ئاساسلىق يېمەكلىككە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەن.
ئىلىم ساھەسى بۇغداي ۋە سويانىڭ ئەڭ بۇرۇن قايسى ئەھيا قىلىنغانلىقىنى ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن. بەزىلەر بۇغداي ئەڭ بۇرۇن مېسوپاتامىيە، تۈركىيە نىل دەرياسى بويلىرىدا ئەھيا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق يەنە بەزىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا بۇغداينىڭ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلگەن.
بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۇرپان ياڭخىدىن تېپىلغان نان ئۇيغۇرلارنىڭ ياما، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىستېمال قىلغان خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.