ياشانغان ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ ئايرودرومدا ئالاھىدە تەكشۈرۈلۈشى خىزمەتچىلەرنىمۇ بىئارام قىلدى

تۈنۈگۈن گۇاڭجۇ ئايرودرومىدا ياشانغان ئۇيغۇر ئەر، ئايال ئالاھىدە تەكشۈرۈلگەن. ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان باشقا يولۇچىلارنى تاقەتسىزلەندۈرگەندىن باشقا، بىر قىسىم ئايرودروم خادىملىرىنىمۇ بىئارام قىلغان.

ئەھۋالنى نەق مەيداندىن تورغا يوللىغان بىر يولۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىر تەكشۈرۈش خادىمى بۇ يولۇچىغا ئەسلىدە ئۆزىنىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈشنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەمما رەھبەرلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇشۇنداق ئاستا ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش تەلىپىنى قويغاچقا، ئۆزىنىڭ ئامالسىز ھالدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئويغا سالماي قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئايرودرومدا ئالاھىدە تەكشۈرۈلگەن بوۋاي بىلەن موماينىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋاتقان چاغدىكى سۈرىتىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، سۈرەتتە موماي غالتەك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا بوۋاي بىلەن موماينىڭ گۇاڭجۇغا داۋالىنىشقا بارغانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھاۋا يوللىرىدىكى مانا مۇشۇنداق كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تەكشۈرۈش تۈزۈمىگە قارىتا ئىلگىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تۈزۈملەرنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى، ئۇنداق بولمىغاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يەنە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.