خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوكيان شەھىرىدىكى بىر شۆبىسى يېقىندا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
«ئوكيان شەھىرى سەنتىنېل» گېزىتىنىڭ 19-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككى خادىمى دوكلات بېرىپ، كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
يىغىندا زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم خىتاينىڭ يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر ئاساسەن ھېچكىمنىڭ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارغا ئېغىر پسىخولوگىيەلىك بېسىم ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارنى دىنىي، تىلى ۋە كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا،» دېگەن.
يىغىندا نىكول مورگرېت خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا قانداق ئۇسۇللاردا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن مەسچىتلەرنىڭ تاقىلىپ، تارىخى شەخسلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئەمەلى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
نىكول مورگرېت 2011-يىلى تارتىلغان ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر مەسچىت بىلەن بۇ مەسچىتنىڭ بۇ يىل دەل شۇ كۈنى تارتىلغان رەسىمىنى سېلىشتۇرۇپ، ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ قۇببە ۋە ھىلال ئايلىرى ئېلىپ تاشلانغانلىقى، ئۇنىڭ سىرتقى نەقىشىدىكى «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن خەتلەرنىڭ ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» دېگەن خەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا زۇبەيرە شەمشىدىن «يالغۇز مۇسۇلمان رەھبەرلىرىلا ئەمەس، ھەرقانداق جايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوللىغۇچىلار خىتاينىڭ يەرلىك خەلق مەدەنىيىتى ۋە دىنى ئېتىقادىنى يوقىتىشتەك قىلمىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك،» دېگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.