ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە مەخپىي دوكلات ئېلان قىلىندى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەخپىي سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكىدىكى «رۇسىيەنىڭ ئىسلام نۇقتىئىنەزەرلىرى» ناملىق بىر تەتقىقات لايىھىسى ئۆز تورىدا سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئۆز تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلىشقا كىرىشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ 1921-يىلى، 6-ئايدا رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چەتكە قالدۇرغاندىن كېيىن 1922-ۋە 1923-يىللىرى موسكۋاغا ۋە ستالىنغا يوللىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە مۇھىم دوكلات خېتى ئورۇن ئالغان.

ئىككىنچى پارچە ھۆججەتنىڭ بىرى «ئۇيغۇر-قەشقەر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف 1923-يىلى، 5-فېۋرال كۈنى تەييارلىغان مەزكۇر دوكلات خېتىدە رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە يەر ئاستى ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش، ئۇلارنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش، قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە ئاھالىسىنى، بولۇپمۇ ياشلارنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زۇلۇمدىن ئازاد بولۇش كۈرىشىگە جەلپ قىلىش، ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا سىياسىي تەربىيە بېرىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن گېزىت نەشر قىلىش، كۈلۈپ لارنى قۇرۇش، ئومۇمەن بىرلىككە كەلگەن ئىنقىلابى تەشكىلات قۇرۇش ۋە شەكىللەندۈرۈش ھەم باشقا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەنە پارچە خەت 1922-يىلى، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ستالىننىڭ نامىغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف «ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشلەش» دەپ ئاتالغان مەزكۇر دوكلات خېتىنى «شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ پۈتۈن قىيىنچىلىقلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە مەزكۇر خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزۈمنىڭ بۇ دوكلات خېتىمنى يېزىشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلدىم» دەپ باشلىغان. ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ۋە ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرى جەريانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن تاشقىرى بۇ ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىش زۆرۈرىيىتى ۋە باشقا بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رۇسىيە تارىخچىسى پروفېسسور ۋالېرى بارمىننىڭ يېزىشىچە، ئەمما ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي بيۇرو ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى بەجا كەلتۈرمىگەن، ئەكسىچە، خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، 1927-يىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئىنقىلابى ھەرىكەت قىلىشىنى قەتئىي چەكلەش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغان ئىدى.