چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە قىلىنىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىمنى «زوراۋانلىقنىڭ يىلتىزى» دەپ كۆرسەتكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدىن كېيىن مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى خوتەنگە بېرىپ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان. مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەقەنى تېررورچىلار پەيدا قىلدى» دېگەن سۆزىنى بىردەك رەت قىلىپ، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇلار مۇخبىرغا خوتەندە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە مىللىي بېسىمنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلىشىنىڭ خەلق ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن چېتىشلىق بولغان «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان ۋە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قەتئىي رەت قىلغان.
ئەمما فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خوتەندىكى ئۇيغۇرلار مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : ئۇلار ھېچ قاچان چەتئەلگە چىقىپ تېررورلۇق تەربىيىسى ئالغىنى يوق. ئۇلار خوتەندىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن خاپا. بۇ ھۆكۈمەت ھەقىقەتەن ناچار، شۇڭا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر چىقىپ ۋەقە تۇغدۇرىدۇ، دېگەن.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا گۇمان بىلەن قارىغان كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاياغلاشتۇرمىغان تەقدىردە تيەنئەنمېندىكىدەك ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.