خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ بىر تۈركۈم قىز ئوقۇغۇچىلىرى ئاچلىق ئېلان قىلغان

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ بىر تۈركۈم قىز ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئاچلىق ئېلان قىلغان.

ئاچلىق ئېلان قىلىشقا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارنى بېشىغا ياغلىق ئارتماسلىق ھەققىدە ۋەدىنامە يازدۇرۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوقۇتۇشى سەۋەب بولغان. ئىنكاس خەتتە بايان قىلىنىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ۋەدىنامىنى ئوقۇش جەريانىدا كۆز يېشى قىلغان؛ ئۇلار يىغىن ئېچىلغان كۈنى ۋە ئەتىسى تاماق يېيىشنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىگە قارىتا نارازىلىقىنى ئۇنسىز شەكىلدە ئىپادىلىگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئەمما مەكتەپ ئاشخانا خىزمەتچىلىرى شۇ كۈنلەردە مەكتەپ ئاشخانىسىدا زور مىقداردا تاماقنىڭ ئېشىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.