ئىستانبۇلدا بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

10‏-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەركىن سەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر تىجارەتچى 10‏-نويابىر كەچ 8:00 ئەتراپىدا ئىستانبۇلنىڭ فاتىخ رايونىدىكى تۇرغۇت ئۆزھەل مىللەت كوچىسىغا جايلاشقان بىر مېھمانخانىنىڭ چايخانىسىدا ئولتۇرغاندا قوراللىق ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. تۈركىيە «ساباھ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەركىن سەمەتنىڭ خىتاي ۋە ئۇكرائىنا پاسپورتى بارلىقى، ئىككى قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ ئەركىن سەمەتنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكى تۈركىيە ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئىككى قاچقۇن گۇماندارنىڭ پېيىگە چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردىن ئىككى گۇماندارنىڭ ئەركىن سەمەتنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭ پېشىغا چۈشكەنلىكى، جىنايەتنى پىلانلىق سادىر قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گۇماندارلارنىڭ ئەركىن سەمەتنى نېمە ئۈچۈن نىشانغا ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نەق مەيدان ئەتراپىدىن توختىتىپ قويۇلغان قىرغىزىستان كونسۇلخانىسىغا ئائىت بىر ئاپتوموبىل بايقالغان.

بۇ دېلو بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئەركىن سەمەتنىڭ ئايالى بۈمەريەم غوپۇر بىلەن قىرغىزىستاندا «ئابدۇراز» ناملىق شىركەت قۇرۇپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، جەنۇبىي قىرغىزىستاننىڭ باتكەنت رايونىدىكى بىر «خىتاي-قىرغىز بازىرى» نىڭ شۇلارغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەركىن سەمەت ئىلگىرى ئۆزىنىڭ شىركىتى ئارقىلىق قىرغىزىستاندىن 646 مىليون دوللارنى چەتئەل بانكىسىدىكى ھېسابىغا يۆتكىگەن ئىكەن.

ئەركىن سەمەت قىرغىزىستانغا چېتىشلىق ئۇيغۇرلاردىن يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن 3‏-كىشىدۇر. يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە 2 ئۇيغۇر تىجارەتچى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.