«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» : «ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قالايلى»

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» «15-ئىيۇن خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنستاگرام، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا ۋىدىيو ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بۇ گۈزەل ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغان.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىدىيو ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدا گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن زۇبەيرە شەمسىدىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى پىلانلاپ، دەسلەپتە «قوش تىل مائارىپى» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرغان بولسا، 2016-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ «سىياسىي تەربىيە ۋە دۆلەت تىلى ئۆگىنىش» كە مەجبۇرلىغانلىقى، 800 مىڭ ئەتراپىدا ئىگە-چاقىسىز بالىلارنى ياتاقلىق مەكتەپكە سولاپ، تامامەن خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلى نەشرىياتچىلىقى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مەدەنىيەت ساھەسىدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ۋە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تىل بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلار قوشۇنى ئانا تىل مەكتەپلىرى ئېچىش، چەتئەلدە ئۇيغۇر نەشرىياتى قۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى تور خەزىنىسى شەكلىدە ساقلاپ قېلىش ۋە تور بېكەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، «15-ئىيۇن خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇددى «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» گە ئوخشاشلا، ئانا تىل كۈنىنى قۇتلۇقلاش، ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلىش، ئۆز ئانا تىلىنى ئۆمۈرۋايەت قەدىرلەش ۋە بۇ تىلنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش قىزغىنلىقىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.