ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكى خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلەشكە تەييارلانماقتا
2013.04.18
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزىدىغان فېڭخۇاڭ-شىخۇ-غۇلجا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكچى.
750 كىلوۋولتلۇق مەزكۇر توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تەڭرىتاغ تىزمىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىمدا توك يەتكۈزىدىغان تۇنجى قۇرۇلۇش بولۇپ، ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان مەزكۇر قۇرۇلۇشنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇپ، ئىچكىرىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ھەم كۆمۈر يۆتكەشتىكى قاتناش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مۇھىتىنى قوغداپ قالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېلېكتر يېتىپ بارمىغان ناھىيە، يېزىلارنى توك بىلەن تەمىنلەشنى 12-5 يىللىق قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىچە بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 2011-يىلى 12-ئايدا خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى. قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە، ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش چوڭ كۆمۈر بازىسىنىڭ بىرى بولغان ئىلى دەريا ۋادىسىدىن باشلانغان بولىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ رايوننىڭ مۇھىتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.