خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتە جايدا كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىشتىن توك ئارقىلىق ئىسسىتىشنىڭ 2 باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى باشلىغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتە شەھەردە ئاھالىلەرنى كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىشتىن توك ئارقىلىق ئىسسىتىشنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش تۈرىنى باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2024-يىللىق پىلانى قۇمۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردىكى 248 مىڭ 400 ئائىلىنى كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىشتىن توك ئارقىلىق ئىسسىتىشقا ئۆتۈشنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن. لېكىن رايوندىكى «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ يۇقىرى ئالتە ۋىلايەت، -ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىكى قايسى كونكرېت ئاھالە ئولتۇراق نۇقتىلىرىنى نىشان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ 8 چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، شۇنداقلا «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ مۇھىم سودا-ئىقتىسادىي قاتناش تۈگۈنى قىلىش پىلانىنىڭ تۈرتكىسىدە رايونغا نۇرغۇن كارخانا ھەم خىتاي ئاھالىسى كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.

بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نازۇك ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا تۇغۇلۇش نىسبىتى جىددىي تۆۋەنلەپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىغا تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش ۋە توختام ئىمزالاش باسقۇچى تاماملىنىپ، 203 مىڭ 455 ئائىلىنى كۆمۈر بىلەن ئىسسىنىشتىن توك ئارقىلىق ئىسسىتىشقا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان. خەۋەرلەردە، بۇ يىللىق پىلاندا ئىش باشلاش نىسبىتىنىڭ 81.9 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى، نۆۋەتتە 130 مىڭ 721 ئائىلىنىڭ توك بىلەن ئىسسىتىشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ھالبۇكى، بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى يېقىلغۇدا ھۆكۈمەت ياكى شىركەتلەرگە تېخىمۇ بېقىندى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانى مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سۈرئىتى ۋە كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش ئىكەن.