ئەنخۇيدا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇەيبېي شەھىرىدىكى جيۇشىڭ ناملىق بىر توپ تارقىتىش بازىرىدا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

بوشۈن قاتارلىق خىتاي تورلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، 9-نويابىر چۈش مەزگىللىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن ئاز دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلگەن، ئون نەچچە كىشى يارىلانغان.

خەۋەردە يەر ئالغان 10 پارچىغا يېقىن نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچى بىلەن نەچچە ئونلىغان خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئارىسىدا داۋام قىلغان بۇ توقۇنۇشنى مىڭلارچە كىشى تەشۋىش ئىچىدە تاماشا قىلغان.

گەرچە دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر، خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى دۇكىنىنى تاقاشقا زورلىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى يەنى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلىشقان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى رىئاكسىيەلىرىدىن بىرى دەپ قاراشماقتا.