كۇنمىڭدىمۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي بازار باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

9-نويابىر كۈنى يۈننەننىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي بازار باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

توقۇنۇش ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى دۇكىنىنى تاقاشقا مەجبۇرلاش ۋە خادىملارنىڭ بۇ جەرياندا كالتەك قاتارلىق زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىشى سەۋەب بولغان. رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۈركىلىش ۋە توقۇنۇش شەھەرنىڭ بىر قىسمىدا بىر مەھەل قاتناش توسۇلۇپ قېلىشقا سەۋەب بولغان.

ئوخشاش ۋەقە ئەينى كۈندە ئەنخۇينىڭ خۋابېي شەھىرىدە يۈز بېرىپ 2 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە بىرقانچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئەمما كۇنمىڭدىكى ۋەقەدىن كېيىنكى ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئاقىۋىتى ئېنىق ئەمەس.

28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەتنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ مۇئامىلىسىدە تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىش كۆرۇلۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭمۇ بۇ خىل زوراۋانلىقلارغا ئۆز لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋەردىكى سۈرەت ۋە ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلانماقتا.

كۇنمىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر نىسبەتەن كۆپ بولغان خىتاي شەھەرلىرىدىن بولۇپ، يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن خىتاي ساقچىلار بۇ يەردىن 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ھىجرەتتىن توسۇش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغان.