يېقىندا خىتايدا ئاممىۋى تور بەتلەر ئىچىدە بىر قىسىم تارىخىي تېمىلارنى ئېلان قىلىدىغان تور بەتلەر تاقىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى تور بەتلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.
ئەمما، ئۇيغۇر تور بەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى نازارەت، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى قىسمىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئېغىر بولماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلىرى تېخى ھازىرغىچە قۇرۇلمىغان. ئۈرۈمچىدىكى كۆپ ساندىكى ئىدارىلەرنىڭ تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرى تېخىمۇ يوق دېيەرلىك ئىكەن. بەزى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرچە بەت ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا خىتاي تىلىدىكى مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىلگەندەك ئۇيغۇرچە بەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، يەنى ئۇيغۇرچە بەتلەرنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كەم ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ مەلۇم بىرىدە ئېلان قىلىنغان بىر تەشەببۇس خېتىدە ئۇيغۇرچە ھۆكۈمەت تور بەتلىرى قۇرۇلۇشىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىنكاس قىلىنىشىچە قۇمۇل ۋىلايىتى تور بېتىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتىدىكى مەزمۇن خەنزۇچىغا قارىغاندا ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن ناھايىتى يىراقتا ئىكەن. مەزكۇر تەشەببۇس خېتىدە قۇمۇل ئۇيغۇرچە» ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ ھەر بېتىدىن ئۇچۇر نامراتلىقى، كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگەنلىكى قارىماققىلا چىقىپ تۇرىدۇ.
. بىز قۇمۇل ئۇيغۇرچە تور بېتىنى قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن رەڭدار مول ئۇچۇر مەنبەسىگە ئىگە، مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە قىلىپ ئىشلەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلگەن
تور بەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمما، دائىرىلەر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان »خەلق تورى»،» شىنخۇا تورى»ۋە»تەڭرى تاغ تورلىرى»نىڭ ئۇيغۇرچە بېتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر مەزكۇر تور بەتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى، مەزمۇن دائىرىسى ۋە باشقا كۆپ تەرەپلەردىن خىتايچە بەتكە قارىغاندا يەنىلا ئارقىدا ئىكەن.