ئۇيغۇر رايونىدا ئۇچۇر - ئالاقە ۋە تور سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت تۈرلىرى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 14 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئۇچۇر - ئالاقە ۋە تور سىستېمىسىدىكى يېڭى جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش» يىغىنىدا يېڭىدىن بېكىتىلگەن 11 تۈرلۈك جىنايەت ۋە 7 تۈرلۈك قانۇنسىز قىلمىشنىڭ نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىش نىشانى بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تۈرلەر ئىچىدە تور دۇنياسىدىكى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىدىن باشقا، يانفون نومۇرلىرىنى ئۆزگەرتىش، يالغان ئىسىم بىلەن تېلېفون، تېلېفون كارتىسى ياكى تورغا چىقىش كارتىسى بېجىرىش، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋە ئوغرىلىقچە رەسىمگە تارتىش ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ سېتىش، بانكا كارتلىرىنى نورمال بولمىغان شەكىلدە ئېلىپ سېتىش نۇقتىلىق ھالدا تەكىتلەنگەن.

خىتايچە ئۇچۇر مەنبەسىدە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس ئۇچۇر - ئالاقە ۋە تور سىستېمىسى ساھەسىدىكى «زەرەبە بېرىش ھەركىتى» 2016 - يىلى 30 - ئاپرېلغا قەدەر داۋاملىشىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايونىدا كۈچەپ يولغا قويۇلىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت