مەلۇم بولۇشىچە، «تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» بەلگىلىمىسى دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكىتلەۋاتقان ئەڭ ھالقىلىق باشقۇرۇش چارىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو 27-نويابىر كۈنى تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن «سەككىز نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇ، «تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە» دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، چېن چۈەنگو تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن تەلەپ قىلغان «سەككىز نۇقتىلىق كاپالەت» نىڭ بىرىنچىسى - «كومپارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىق» ئىكەن.
ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە، تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن «سىياسىي يۆنىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش، بازىنى مۇستەھكەم ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت ۋە ئاممىۋىي تور بەتلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، بىرقانچىلىغان ئۇيغۇر تور يازغۇچىلىرى بىلەن تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەردە خىتاي يەر شارى بويىچە ئىنتېرنېتقا ئەڭ كۈچلۈك چەكلىمە قويىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى دېيىلسە، ئۇ چاغدا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەت شەك-شۈبھىسىزكى، خىتايدىكى ئىنتېرنېت قامالى ئەڭ كۈچلۈك رايونلار ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىماقتا.