ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇندا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنىڭ مۇھىم باھانە بولغانلىقى دىققەت قوزغىدى

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە كىشىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېرنىڭ «لاگېرلاردا» ناملىق ئەسىرىدىكى بەزى تەسۋىرلەر بۇ ھەقتىكى بەزى رېئاللىقنى ئاشكارا قىلدى.

«WION خەۋەرلىرى» نىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، دەررېن بايلېر زىيارەت قىلغان ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋېرا جۇ ئىسىملىك خىتاي ئوقۇغۇچى ئ‍ۆزىنىڭ تېلېفون ۋە كومپيۇتېرىدا WhatsApp ۋە مەۋھۇم خۇسۇسىي تور (VPN) بايقالغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى تۇتقۇنلۇق ھاياتى يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان.

خەۋەردە مۇشۇ ئەھۋالنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ «ئامېرىكا پۇقراسى بولغان خىتاي ئوقۇغۇچى ئاممىۋى ئەپلەر سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى قانداق بولماقچىدى؟» دەپ سوئال قويۇلغان.

ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «يېڭى لىنىيە» ئىنىستىتۇتى تەييارلىغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتتا مۇشۇ مەسىلىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قۇرئان» ۋە باشقا دىنىي مەزمۇندىكى تېكىستلەر بايقالغان تېلېفون ئىگىسىنى «تېرورلۇق» قا باغلاپ قولغا ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.