ئۇيغۇر تەشكىلاتى خەلقئارانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا تەن جازاسى بېرىشىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. بۇ چاقىرىق 26‏-ئىيۇن كېلىدىغان دۇنيا تەن جازاسىغا قارشى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. ب د ت 1997‏-يىلى 12‏-دېكابىردا قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 26‏-ئىيۇننى خەلقئارا تەن جازاسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.


ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتتا يەنە،خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا تەن جازاسى بېرىش قىلمىشىدىن ھېساب سوراشقا چاقىرغان. باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇشۇنداق بىر كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا تەن جازاسى بېرىشتەك قورقۇنچلۇق قىلمىشىدىن ھېساب سورىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىشتەك بۇ قىلمىشنى ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق تۆلەم تۆلىگەندىلا، ئاندىن دۇنيادا ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك رول ئويناشتىن سۆز ئاچالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىدىغانلىقىنى رەت قىلسىمۇ، بىراق ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارلىرى خىتايدا تەن جازاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بولۇپمۇ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتتا يەنە، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىلىرىدە تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋە قوپال مۇئامىلە قىلىش قاتتىق چەكلەنگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدە ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك بىر مېخانىزمى يوق ئىكەن.