ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى شىمالىي كورېيەگە ئوخشىتىلدى
2017.12.30
مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىب ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى شىمالىي كورېيە ۋەزىيىتى ۋە ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى نەچچە ئون يىل داۋام قىلغان جەنۇبىي ئافرىقىغا ئوخشاتقان.
بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر كانادادىن چىقىدىغان «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» تورىدا 29-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بىر پارچە مۇلاھىزە ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، كۆزىتىش پاراتلىرىنىڭ شەھەرلەرنى پۈتۈنلەي قاپلاپ كەتكەنلىكى، يول ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ئادەم چىرايىنى تونۇش ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ھەر 500 مېتىردا بىردىن سېلىنغان ساقچى پونكىتلىرىنىڭ خۇددى ھەربىي گازارمىغا ئوخشاپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ شەخسىي ھاياتىغا قەدەر سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئويلاش شەكلى ۋە ھەتتا گېن ئەۋرىشكىلىرىگىچە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا لويولا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى رايەن تۇم مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان تۈزۈملەردە شىمالىي كورېيەدەك پۇقرالارنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى مۇتلەق كونترول قىلىش ئارزۇسى، جەنۇبىي ئافرىقىدەك ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۇزۇمنى كەمسىتىش خاراكتېرىدە يولغا قويۇش خاھىشى ۋە پۈتۈنلەي كومپيۇتېرلاشقان سۈنئىي ئەقىللىق كۆزىتىش سىستېمىسى گىرەلىشىپ كەتكەن، دېيىشكە بولىدۇ.»
ئۇ يەنە بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى داۋىد بروفىينىڭ ئېيتقانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ، رايوندا بىنالارنىڭ تىكەنلىك سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغانلىقىنى، ھەتتا ماشىنا توختىتىش مەيدانى كۆزەتچىلىرىنىڭمۇ ئوق ئۆتمەس كىيىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شىنجاڭ ھازىر بىر ھەربىي ئىشغالىيىتىدىكى رايونغا ئوخشاپ قاپتۇ،» دېگەن.
رايەن تۇم بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوي-پىكىرلىرى بارلىقىنى، ئەمما بۇلارنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلەشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە قوشۇمچە قىلغان.
شىمالىي كورېيە بىر ھاكىم مۇتلەق تۇزۇمدىكى دۆلەت بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى بولسا 1948-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە داۋام قىلغان.
بۇ جەرياندا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولغان قارا تەنلىكلەر ۋە باشقا ئاق تەنلىك بولمىغان 3 گۇرۇپپا ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلەر جەمئىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلانغان.
ئاق تەنلىك بولمىغانلارنىڭ يېنىدا دائىم كىملىك ئېلىپ يۈرۈشى تەلەپ قىلىنغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ مەكتەپلەردە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشىمۇ چەكلەنگەن. بۇ جەرياندا ئاق تەنلىك بولمىغانلارنىڭ ھوقۇقلىرى چەكلەنگەن 148 خىل قانۇن ماقۇللانغان.
ئىلگىرى خەۋەرلەردە ئۇيغۇر رايوننىڭ پۈتۈنلەي بىر تەقىب ئاستىدىكى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.